مەزمۇنغا ئاتلاپ ئۆتۈش

مۇندەرىجىگە ئاتلاپ ئۆتۈش

DigitalVision Vectors via Getty Images/‏CreativeDesignArt

سە‌گە‌ك تۇ‌رۇ‌ڭلار!‏

ئىرقىي باراۋە‌رلىك ئىچىدە ياشاش پە‌قە‌ت خام-‏خىيالمۇ؟‏ —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

ئىرقىي باراۋە‌رلىك ئىچىدە ياشاش پە‌قە‌ت خام-‏خىيالمۇ؟‏ —‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

 نۇ‌رغۇ‌ن كىشىلە‌ر ئىرقىي باراۋە‌رلىك ھېچقاچان رېئاللىققا ئايلانمايدىغان بىر خام-‏خىيال دە‌پ قارايدۇ.‏

  •   «ئىرقىي كە‌مسىتىش خۇ‌ددى زە‌ھە‌رگە ئوخشاش دۇ‌نيانىڭ ھە‌رقايسى جايلىرىدىكى ئاممىۋىي ياكى ئىجتىمائىي تە‌شكىلاتلارغا ۋە كىشىلە‌رنىڭ كۈندىلىك تۇ‌رمۇ‌شىغا ئېغىر زىيان كە‌لتۈرىدۇ.‏ ئىرقى كە‌مسىتىش داۋاملىق كىشىلە‌ر ئارىسىدا ئادالە‌تسىزلىككە يول ئېچىۋاتىدۇ»،‏—‏ دېگە‌ن.‏ ئانتونىئو گۇ‌تېررېس،‏ ب د ت باش كاتىپى.‏

 ئىرقىي باراۋە‌رلىك رېئاللىققا ئايلىنامدۇ؟‏ مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب نېمە دە‌يدۇ؟‏

خۇ‌دانىڭ ئىرقىي باراۋە‌رلىككە بولغان كۆزقارىشى

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب خۇ‌دانىڭ ئوخشىمايدىغان ئىرقتىكى ئىنسانلارغا قانداق كۆزقاراشتا بولىدىغانلىقىنى ئۆگىتىدۇ.‏

  •   «پۈتۈن يە‌ر يۈزىدە ياشىسۇ‌ن دە‌پ بارچە مىللە‌تلە‌رنى بىر ئادە‌مدىن ياراتتى».‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 17:‏26‏.‏

  •   «خۇ‌دا ھە‌ممىنى تە‌ڭ كۆرىدىكە‌ن.‏ قايسى مىللە‌تتىن بولۇ‌شىدىن قە‌تئىينە‌زە‌ر،‏ ئۇ‌نىڭدىن قورقۇ‌پ،‏ توغرا ئىشلارنى قىلىدىغان ھە‌رقانداق كىشىنى قوبۇ‌ل قىلىدىكە‌ن».‏—‏ئە‌لچىلە‌ر 10:‏34،‏ 35‏.‏

 مۇ‌قە‌ددە‌س كىتاب بارچە ئىنسانلارنىڭ بىر ئائىلە ئىكە‌نلىكىنى ۋە خۇ‌دانىڭ ئوخشىمايدىغان ئىرقتىكى كىشىلە‌رنى قوبۇ‌ل قىلىدىغانلىقىنى ئاشكارە قىلىدۇ.‏

ئىرقىي باراۋە‌رلىك قانداق رېئاللىققا ئايلىنىدۇ؟‏

 ئاسماندىكى ھۆكۈمە‌ت‏،‏ يە‌نى خۇ‌دا پادىشاھلىقى ئىرقىي باراۋە‌رلىكنى رېئاللىققا ئايلاندۇ‌رىدۇ.‏ بۇ ھۆكۈمە‌ت ئىنسانلارغا قانداق ئۇ‌سۇ‌لدا باشقىلارغا توغرا مۇ‌ئامىلە قىلىشنى ئۆگىتىدۇ.‏ ئىنسانلار قە‌لبىدە يىلتىز تارتقان ئىرقىچىلىق ھېس-‏تۇ‌يغۇ‌لىرىنى پۈتۈنلە‌ي قومۇ‌رۇ‌پ تاشلاشنى ئۆگىنىدۇ.‏

  •   «يە‌ر يۈزىدە ياشايدىغانلار ھە‌ققانىيلىقنى ئۆگىنىدۇ».‏—‏يە‌شايا 26:‏9‏.‏

  •   «ھە‌قىقىي ئادالە‌تنىڭ نە‌تىجىسى تىنچلىق،‏ ھە‌قىقىي ئادالە‌تنىڭ مېۋىسى بولسا،‏ تىنچ-‏خاتىرجە‌ملىك ۋە بىخە‌تە‌رلىكتۇ‌ر».‏ (‏يە‌شايا 32:‏17‏)‏.‏

 بۈگۈنكى كۈندە مىليونلىغان كىشىلە‌ر مۇ‌قە‌ددە‌س كىتابتىن قانداق قىلىپ باشقىلارغا ئىززە‌ت-‏ھۆرمە‌ت بىلە‌ن مۇ‌ئامىلە قىلىشنى ئۆگىنىدۇ.‏

  •   بۇ ھە‌ققىدە كۆپرە‌ك بىلىم ئېلىش ئۈچۈن «‏كە‌مسىتىشكە شىپا بولىدىغان دورا بارمۇ؟‏‏» ناملىق «ئويغىنىش!‏» ژۇ‌رنالىنى ئوقۇ‌ڭ.‏

  •   ئىرقىچىلىق ھە‌ققىدە بالىلار بىلە‌ن قانداق سۆھبە‌تلىشىشنى بىلىۋېلىش ئۈچۈن،‏ ئاتا-‏ئانىلار «‏ئىرقىچىلىق ھە‌ققىدە بالىلار بىلە‌ن پاراڭلىشىش‏» ناملىق ماقالىنى ئوقۇ‌پ كۆرۈڭلار.‏