سىز بىلەمسىز؟
مۇقەددەس كىتاب زامانىدا ئادەملەر يىللار ۋە ئايلارنىڭ باشلىنىشىنى قانداق بەلگىلىگەن؟
ۋەدە قىلىنغان زېمىندا ياشىغان ئىسرائىللار ئۈچۈن يىل يەر ھەيدەپ، ئۇرۇق چېچىش بىلەن باشلانغان ئىدى. بۇ ۋاقىت بۈگۈنكى كۈندىكى سېنتەبىر ۋە ئۆكتەبىر ئايلىرىغا توغرا كېلىدۇ.
ئاي كالېندارى بويىچە بىر يىل 12 ئاينى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، ھەربىر ئاي قانچە كۈن بولۇشى ئاسماندىكى ئاينىڭ تولۇش ۋاقتىنىڭ ئۇرۇن-قىسقا بولۇشىغا قاراپ ھېسابلانغان ئىدى. شۇڭا، ھەربىر ئاي 29 كۈن ياكى 30 بولغان. بىراق، ئاي كالېندارى كۈن كالېندارىدىن قىسقا بولغان. شۇڭا، كىشىلەر بۇ ئىككى كالېندارنى بىر-بىرىگە ماسلاشتۇرۇش ئۈچۈن بىر ئامال ئىزدىگەن. كىشىلەر كېلىدىغان بىر يىل باشلىنىشتىن ئىلگىرى، ھەر يىلى بىرقانچە كۈننى ياكى بىرقانچە يىلدا بىر ئاينى قوشقان. شۇ ئارقىلىق، كالېندارنى ئۇرۇق چېچىش ۋە ھوسۇل يىغىش پەسىللىرى بىلەن ماس كەلتۈرگەن ئىدى.
ئەمما، مۇسا پەيغەمبەرنىڭ زامانىدا، خۇدا ئىسرائىللارغا يىلنىڭ بىرىنچى ئېيىنى ئابىب (نىسان) ئېيىدىن باشلاشنى ئېيتقانىدى (چىق. 12:2؛ 13:4). بۇ ئايدا ئۆتكۈزۈلگەن «ھوسۇل يىغىش» ھېيتىدا، ئارپىدىن يىغىلغان تۇنجى ھوسۇل يەھۋاغا تەقدىم قىلىنغان ئىدى.—چىق. 23:15، 16.
بىر تەتقىقاتچى قوشۇمچە بىر ئاينى قوشۇش-قوشماسلىقنى بەلگىلەش ئاسان بولغانلىقىنى ئېيتقان. ئۇ شۇنداق دېگەن: «نىسان ئېيىنىڭ ئاي تولغان كۈنى (14-نىسان)، يەنى باھار پەسلىدىكى كۈن-تۈن تەڭلەشكەن كۈندىن كېيىن، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك ئىدى. شۇڭا، ئىسرائىللار يىل ئاخىرىدا، ئۆتۈپ كېتىش ھېيتى كۈن-تۈن تەڭلىشىدىغان كۈندىن بۇرۇنراق كېلىدىغانلىقىنى بايقىغاندا، نىسان ئېيىدىن ئىلگىرى قوشۇمچە بىر ئاينى (13-ئاي) قوشقان» (The History of the Jewish People in the Age of Jesus Christ (5 1 .A.D—.B.C 175)).
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى مەسىھنىڭ ئۆلۈمىنى خاتىرىلەش، يەنى كەچلىك داستىخان يىغىلىشى قايسى كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى كېرەكلىكىنى بەلگىلەش ئۈچۈن ئاشۇ ئۇسۇلدىن پايدىلىنىدۇ. ئۇ باھار پەسلىدە ۋە ئىبرانىي كالېندارى بويىچە 14-نىسان كۈنى ئۆتكۈزۈلىشى كېرەك. بۇ كۈننىڭ قايسى كۈنى بولىدىغانلىقى دۇنيانىڭ جاي-جايلىرىدىكى جامائەتلەرگە ئالدىن بىلدۈرۈلىدۇ.
بىراق، ئىسرائىللار بىر ئاينىڭ قايسى كۈنى ئاخىرلىشىپ، يېڭى بىر ئاينىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى قانداق بىلگەن؟ بۈگۈنكى كۈندە، بۇنى كالېندارغا ياكى يانفون ۋە كومپيۇتېرغا قاراپلا بىلەلەيسىز. ئەمما، مۇقەددەس كىتاب زامانىدا، ئۇ بۇنداق ئاسان بولمىغان ئىدى.
نۇھنىڭ زامانىدا، ھەربىر ئاي 30 كۈن ئىدى (يارىت. 7:11، 24؛ 8:3، 4). كېيىنرەك، يەھۇدىيلارنىڭ كالېندارىدا بىر ئاي چوقۇم 30 كۈن بولمىغان. يەھۇدىيلارنىڭ ھېسابلاش ئۇسۇلى بويىچە، يېڭى ئاي كىشىلەر ئاسماندا يېڭى چىققان ئاينى كۆرگەن كۈندىن باشلىنىدۇ. كېيىنكى يېڭى ئاي كۆرۈنگەنگە قەدەر 29 ياكى 30 كۈن ئۆتۈپ كېتىدۇ.
بىر قېتىم، داۋۇت بىلەن يوناتان يېڭى بىر ئاينىڭ باشلىنىشىنى تىلغا ئېلىپ: «ئەتە يېڭى ئاي بايرىمى»،— دېگەنىدى (1-سام. 20:5، 18). قارىماققا، مىلادىدىن ئىلگىرىكى 11-ئەسىرگە كەلگەندە، يەھۇدىي كالېىندارى بويىچە ئايلار ئالدىن ھېسابلاپ قويۇلغان. ئۇنداقتا، يېڭى بىر ئاينىڭ قايسى كۈنى باشلىنىدىغانلىقىنى ئادەتتىكى ئادەملەر قانداق بىلگەن؟ يەھۇدىيلارنىڭ ئېغىزدىن-ئېغىزغا كۆچۈپ يۈرگەن قانۇنى ۋە ئۆرپ-ئادىتى خاتىرلەنگەن «مىشىنا» بىر يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلەيدۇ. بۇ كىتابتا، يەھۇدىيلار بابىلوندىن ئۆز يۇرتلىرىغا قايتىپ كەلگەندىن كېيىن، يەتتە ئاي بايرام ئۆتكۈزۈلگەن مەزگىلدە، ئالىي كېڭەش (يەھۇدىيلارنىڭ ئالىي سوتى) ھەر ئاينىڭ 30-كۈنى بالدۇرراق بىر ۋاقىتتا جەم بولۇپ، يېڭى ئاينى قايسى ۋاقىت باشلايدىغانلىقىنى قارار قىلغان. ئۇلار بۇ قارارنى قانداق چىقارغان؟
يېرۇسالېمنىڭ ئەتراپىدىكى ئېگىز تاغلاردا كېچىسى ئاسماننى كۈزىتىشكە قويۇلغان ئادەملەر بار ئىدى. ئۇلار يېڭى ئاي كۆرۈنگەن ھامان ئالىي كېڭەشكە خەۋەر بەرگەن. ئالىي كېڭەش ئەزالىرى يېڭى ئاينىڭ چىققانلىقىغا يېتەرلىك ئىسپات بار دەپ قارىسا، ئاشۇ كۈننى يېڭى ئاي باشلىنىدىغان كۈن دەپ ئېلان قىلغان. كۈزەتچىلەر بۇلۇت ياكى تۇمان سەۋەبلىك، يېڭى ئاي چىققانلىقىنى كۆرەلمىگەن ھالەتتە نېمە قىلغان؟ ئۇنداقتا، بۇ ئاي داۋام قىلغانلىقىغا 30 كۈن بولغانلىقى ۋە يېڭى ئاي ئەتىسى باشلىنىدىغانلىقىنى ئېلان قىلغان ئىدى.
مىشىنانىڭ سۆزلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېرۇسالېمغا يېقىن زەيتۇن تېغى ئۈستىدە ئوت يېقىپ، ئىس چىقىرىش ئارقىلىق ئالىي كېڭەشنىڭ چىقارغان قارارى كىشىلەرگە خەۋەر قىلىنغان. ئىسرائىلنىڭ باشقا ئېگىز جايلىرىدىمۇ ئوت يېقىلىپ، خەۋەر بېرىلگەن. كېيىنكى ۋاقىتلاردا بولسا، ئالىي كېڭەش خەۋەرچىلەر ئارقىلىق خەتلەرنى ئەۋەتكەن. بۇ ئۇسۇللار ئارقىلىق، يېرۇسالىم ۋە باشقا جايدىكى يەھۇدىيلارغا يېڭى ئاينىڭ باشلىنىشى بىلدۈرۈلگەن. بۇنىڭ بىلەن، ھەممە جايلاردىكى يەھۇدىيلار ھەرقايسى پەسىللەردىكى ھېيت-بايراملارنى ئوخشاش بىر ۋاقىتتا ئۆتكۈزگەنىدى.
بۇ جەدۋەل بىزنىڭ يەھۇدىي كالېندارىدىكى ئاي، ھېيت-بايرام ۋە پەسىللەرنى تېخىمۇ ياخشىراق چۈشىنىشىمىزگە ياردەم بېرىدۇ.