مۇقەددەس كىتاب ھاياتنى ئۆزگەرتىدۇ
ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمىغان ئىدىم!
تۇغۇلغان يىلى: 1964
دۆلىتى: ئەنگلىيە
قىسقىچە تارىخى: ئىسىيانچى ئۆسمۈر ئانا
ئۆتمۈشتىكى ھاياتىم
مەن لوندون شەھىرىنىڭ ئاھالىسى زىچ جايلاشقان پاددىڭتون رايونىدا تۇغۇلدۇم. مەن، ئاپام ۋە ئۈچ ئاچام بىللە تۇراتتۇق. دادام ھاراقكەش بولغاچ، كىچىكىمدىن تاكى چوڭ بولغىچە، ئۇنىڭ بىلەن تۇرمۇش كەچۈرگەن ۋاقتىم بەك ئاز بولغان.
بالىلىق چېغىمدا، ئاپام ماڭا ئۇخلاشنىڭ ئالدىدا دۇئا قىلىشنى ئۆگەتكەن. مېنىڭدە پەقەت زەبۇر كىتابىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان كىچىككىنە مۇقەددەس كىتاب بار ئىدى. بۇ كىتابقا ئاساسلىنىپ، مەن ئۆزۈم ناخشىلارنى ئىجاد قىلىپ ئېيتاتتىم. بىر كۈنى مەن بىر كىتابتا يېزىلغان سۆزلەرنى ئوقۇغىنىمدا، ئۇلار مېڭەمگە كىرىۋېلىپ، ئېسىمدىن چىقمايتتى: «ھامان بىر كۈنى ئەتە بولمايدۇ». بۇ گەپ ماڭا ئارام بەرمەيتتى ۋە كېچىچە ئۇخلىماي، ئۆز-ئۆزۈمدىن: «ھاياتنىڭ مەنىسى بولۇشى كېرەك. نېمە ئۈچۈن دۇنياغا كەلدىم؟»— دەپ سوراپ، كېلەچەك توغرىسىدا دائىم ئويلايتتىم. مەن ئۆلۈپ كېتىشنى خالىمايتتىم!
سېھىرگەرلىككە قىزىقىدىغان بولدۇم. ئۆلگەنلەر بىلەن پاراڭلىشىشقا تىرىشاتتىم. مەكتەپتىكى دوستلىرىم بىلەن قەبرىستانلىقلارغا باراتتۇق ۋە ئۇلار بىلەن بىللە قۇرقۇنچلۇق فىلىملەرنى كۆرەتتۇق. بۇلارنىڭ ھەممىسى بىز ئۈچۈن ھەم قىزىقارلىق ھەم قورقۇنچلۇق ئىدى.
10 يېشىمدا يامان يولغا كىرىپ قالدىم. تاماكا چېكىشكە باشلاپ، دەرھاللا تاماكىغا خۇمار بولۇپ قالدىم. كېيىنرەك، زەھەر چېكىشكە باشلىدىم. 11 يېشىمدا ئىسپىرتلىق ئىچىملىكلەرنى تېتىپ باققان ئىدىم. تەمىنى ياقتۇرمىغان بولسىمۇ، مەست قىلىدىغان تەسىرىنى ياقتۇردۇم. مەن ناخشا-مۇزىكىغا ۋە ئۇسۇل ئويناشقا ئامراق ئىدىم. پۇرسەتنى قولدىن بەرمەي، ئولتۇرۇشلارغا ۋە كەچلىك كۇلۇبلارغا باراتتىم. كېچىچە سىرتلاردا يۈرۈپ، تاڭ سەھەردە ئۆيگە قايتىپ كېلەتتىم. ئەتىسى چارچاپ، قاتتىق ئۇيقۇم كېلىپ، مەكتەپكە بارمايتتىم. مەكتەپكە بارغان تەقدىردىمۇ، دائىم تەنەپپۇسلاردا ھاراق ئىچەتتىم.
مەكتەپنى بەك تۆۋەن نەتىجە بىلەن تاماملىدىم. مېنىڭ يامان يولغا كىرىپ كەتكەنلىكىمدىن خەۋىرى يوق ئاپام بۇنى ئاڭلاپ، ماڭا قاتتىق ئاچچىقلاندى. بىز قاتتىق تاكاللىشىپ كەتتۇق ۋە مەن ئۆيدىن قېچىپ كەتتىم. بىر مەزگىل ئوغۇل دوستۇم تونى بىللە تۇردۇم. ئۇ ئۇششاق-چۈششەك نەرسىلەرنى ئوغۇرلايتتى ۋە زەھەر ساتاتتى، كىشىلەر ئارىسىدا ئۇ ئىنتايىن شەپقەتسىز ئادەم دېگەن نام-ئاتىقى بار ئىدى. كۆپ ئۆتمەي، مەن ھامىلدار بولۇپ، 16 يېشىمدا ئوغلىمىزنى تۇغدۇم.
مۇقەددەس كىتاب ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى
توي قىلمىغان ئانىلار بىلەن بوۋاقلار ياتاقخانىسىدا تۇرغان مەزگىلدە، بىرىنچى قېتىم يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ئۇچراتتىم. يەرلىك ھۆكۈمەت ماڭا بىر بۆلۈمنى ئاجرىتىپ بەردى. ئىككى ئايال يەھۋا گۇۋاھچىلىرى كېلىپ، باشقا ياش ئانىلارنى يوقلاپ تۇراتتى. بىر كۈنى مەن ئۇلارنىڭ مۇھاكىمىسىگە قاتناشتىم. مەن ئۇلارغا گۇۋاھچىلار ئادىشىپ كەتكەنلىكىنى ئىسپاتلاپ بەرمەكچى ئىدىم. بىراق، ئاشۇ ئاياللار مۇقەددەس كىتابنى ئىشلىتىپ، سەۋرچانلىق بىلەن كۆپلىگەن سوئاللىرىمغا ئېنىق جاۋابلارنى بەردى. ئۇلار شۇنچىلىك ئاقكۆڭۈل ۋە مۇلايىم ئىدى. مەن ئۇلارنى ياقتۇرۇپ قالدىم. شۇڭا، مەن ئۇلار بىلەن مۇقەددەس كىتابنى تەتقىق قىلىپ ئۆگىنىشكە باشلىدىم.
كۆپ ئۆتمەي، مۇقەددەس كىتابتىن ئۆگەنگەنلىرىم ھاياتىمنى ئۆزگەرتتى. بالىلىق چېغىمدىن ئۆلۈمدىن قورقاتتىم. مانا ئەمدى، ئەيسانىڭ تىرىلىش ھەققىدىكى تەلىمىنى بىلىۋالدىم (يۇھاننا 5:28، 29). شۇنىڭدەك، يەھۋانىڭ شەخسەن ماڭا غەمخورلۇق قىلىدىغانلىقىنى چۈشەندىم (پېترۇسنىڭ 1-خېتى 5:7). بولۇپمۇ، يەرەمىيا 29:11-ئايەتتىكى خۇدانىڭ سۆزلىرى ماڭا قاتتىق تەسىر قىلدى: «مەن سىلەرگە نېمە ئىشلارنى ئورۇنلاشتۇرغانلىقىمنى بىلىمەن. مەن سىلەرگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، مېنىڭ سىلەرگە زەخمەت يەتكۈزىدىغان ئەمەس، بەلكى سىلەرنى گۈللەندۈرۈپ، ئۈمىدكە تولغان كەلگۈسىنى ئاتا قىلىدىغان ئورۇنلاشتۇرۇشۇم بار». مەن يەر يۈزىدىكى جەننەتتە ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشتىم.—زەبۇر 37:29.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ماڭا سەمىمىي مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسەتكەن. بىرىنچى قېتىم ئۇلارنىڭ يىغىلىشىغا بارغان ۋاقىت ھېلىمۇ ئېسىمدە، ئۇ يەردە ئىللىق ۋە دوستانە كەيپىيات ھۆكۈم سۈرگەن ئىدى (يۇھاننا 13:34، 35). مەن ئىلگىرى چىركاۋدا دەل ئەكسىچە مۇئامىلىگە ئۇچرىغان ئىدىم. گۇۋاھچىلار شارائىتلىرىمغا قارىماي، ماڭا مېھرىبانلىق بىلەن مۇئامىلە قىلاتتى. ئۇلار ۋاقىت چىقىرىپ ماڭا كۆڭۈل بۆلەتتى ۋە ياردەم قولىنى سۇناتتى. مەن ئۆزۈمنى مېھىر-مۇھەببەت تولغان چوڭ بىر ئائىلىنىڭ ئەزاسىدەك ھېس قىلدىم.
مۇقەددەس كىتابنى ئۆگەنگەندە، خۇدانىڭ يۇقىرى تەلەپ-ئۆلچەملىرىگە ماس ياشاش ئۈچۈن ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشىم كېرەكلىكىنى چۈشەندىم. قىيىن بولغان بولسىمۇ، تاماكا چېكىشنى تاشلىدىم. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، بەزى مۇزىكىلارنىڭ زەھەر چېكىش ئىستىكىمنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى چۈشىنىپ يەتتىم. شۇڭا، مەن شۇنداق مۇزىكىنى تىڭشاشنى توختاتتىم. مەس بولغىچە ئىچىش ۋەسۋەسىسىگە بېرىلمەسلىك ئۈچۈن، ئولتۇرۇشلارغا ۋە كەچلىك كۇلۇبلارغا بېرىشنى توختاتتىم. ئۇنىڭدىن باشقا، ماڭا ياخشى تەسىر قىلىدىغان ۋە يۇقىرى ئەخلاقىي ئۆلچەملىرىگە ماس ھايات كەچۈرىدىغان دوستلارنى تاپتىم.—پەندى-نەسىھەت 13:20.
شۇ ۋاقىتتا، تونىمۇ يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بىلەن مۇقەددەس كىتاب ئۆگىنىشىنى باشلىدى. گۇۋاھچىلار مۇقەددەس كىتابقا ئاساسلىنىپ، ئۇنىڭ سوئاللىرىغا جاۋاب بەردى. ئۇ ھەقىقەتنى تاپقانلىقىغا كۆز يەتتى. تونى ھاياتىنى پۈتۈنلەي ئۆزگەرتتى: ئاغىنىلىرى بىلەن ئالاقىسىنى توختاتتى، ئۇششاق ئوغۇرلۇق قىلمىشلىرىدىن قول ئۈزدى ۋە زەھەر چېكىشنى تاشلىدى. بىز ئىككىمىز يەھۋا خۇدانى خۇرسەن قىلىش ئۈچۈن ئەخلاقسىز تۇرمۇشىمىزنى ئۆزگەرتتۇق ۋە ئوغلىمىزنى ئائىلە شاد-خۇراملىقى ئىچىدە چوڭ قىلىش ئۈچۈن، 1982-يىلى نىكاھىمىزنى قانۇنلۇق تىزىملاتتۇق.
«ئەمدى كېلەچەك ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى كېچىچە غەم-تەشۋىشكە سالىدىغان ئوي-پىكىرلەر مېنى قىينىمايدۇ»
ھاياتىمنى ئۆزگەرتىشنى خالىغاچ، «كۈزىتىش مۇنارى» ۋە «ئويغىنىش!» a ژۇرناللىرىدىن ماڭا ئوخشاش ھاياتىنى ئۆزگەرتەلىگەن كىشىلەرنىڭ تەرجىمىھاللىرىنى ئىزدىگەنلىكىم ئېسىمدە. بۇنداق ھېكايىلەر مېنى ھەقىقەتەن ھاياجانلاندۇراتتى! ئۇلار مېنى بوشاشماي كۈرەش قىلىشقا دەۋەت قىلاتتى. مەن يەھۋادىن مېنى تاشلىماسلىقنى ئۆتۈنۈپ سورىغان ئىدىم. 1982-يىلى، ئىيۇل ئېيىدا تونى بىلەن ئىككىمىز يەھۋا گۇۋاھچىلىرى سۈپىتىدە سۇغا چۆمۈلدۈرۈلدۇق.
ھاياتىم قانداق ياخشىلاندى؟
تەڭرى يەھۋا بىلەن دوستلۇق ئورنىتىش جېنىمنى قۇتقۇزۇپ قالدى. قىيىن پەيتلەردە، تونى ئىككىمىز خۇدانىڭ قوللاپ-قۇۋۋەتلىگەنلىكىنى ھېس قىلاتتۇق. مۈشكۈل كۈنلەردە يەھۋاغا ئىشەنچ باغلاشنى ئۆگەندۇق ۋە ئۇنىڭ ئائىلىمىزگە ھەمىشە يار-يۆلەك بولغانلىقىنى ھېس قىلاتتۇق.—زەبۇر 55:22.
مەن ئوغلىمىز ۋە قىزىمىزنىڭ يەھۋانى چىن قەلبىدىن سۆيۈشنى ئۆگىنىشىگە ياردەم بېرەلىگەنلىكىمدىن خۇشالمەن. ھازىر بولسا، ئۇلارمۇ بىزگە ئوخشاش ئۆز پەرزەنتلىرىنى خۇدانى چىن قەلبىدىن سۆيۈشكە ئۆگىتىۋاتقانلىقىنى كۆرۈپ، كۆڭلۈم سۆيۈنۈپ كېتىدۇ.
ئەمدى كېلەچەك ۋە ئۆلۈم ھەققىدىكى كېچىچە غەم-تەشۋىشكە سالىدىغان ئوي-پىكىرلەر مېنى قىينىمايدۇ. تونى ئىككىمىز ھەر ھەپتە يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ پەرقلىق جامائەتلىرىنى زىيارەت قىلىپ، ئېتىقادداشلىرىمىزغا ئىلھام بېرىمىز. ئۇلار بىلەن بىرلىكتە باشقىلارنىڭمۇ مەڭگۈ ياشاش ئۈمىدىگە ئېرىشىشى ئۈچۈن، ئەيسا پەيغەمبەرگە ئىشەنچ قىلىشقا ياردەم بېرىپ كېلىمىز.
a يەھۋا گۇۋاھچىلىرى نەشىر قىلغان.