5. قاچان ۋە قەيەردە دۇئا قىلىش كېرەك؟
ناھايىتى ئېنىقكى، كۆپلىگەن دىنلاردا دۇئا قىلىش ئۈچۈن مەلۇم بىر ۋاقىتتا، مەخسۇس جايلارغا بارىدۇ. ئەمما، قاچان ۋە قەيەردە دۇئا قىلىش كېرەكلىكى ھەققىدە مۇقەددەس يازمىلاردا نېمە يېزىلغان؟
مۇقەددەس كىتابتا ئىخلاسمەن كىشىلەرنىڭ بەزى ۋەزىيەتلەردە قىلغان دۇئالىرى يېزىلغان. مەسىلەن، ئەيسا پەيغەمبەر ئۆز شاگىرتلىرى بىر داستىخاندا ئولتۇرۇپ، تاماققا ئېغىز تېگىش ئالدىدا، خۇداغا شۈكۈر ئېيتقان ئىدى (لۇقا 22:17). بۇنىڭدىن باشقا، شاگىرتلار يىغىلىپ، خۇداغا ئىبادەت قىلىش ئۈچۈن بىرلىكتە دۇئا قىلغان. شۇنداق قىلىپ، ئۇلار يېرۇسالىمدىكى ئىبادەتخانىدا ۋە يەھۇدىي سىناگوگىلىرىدا ئۇزۇندىن بېرى داۋام قىلىۋاتقان ئەنئەنىگە ئەمەل قىلىشنى توختاتمىغان. خۇدا ئۆزى ئىبادەتخانا توغرىسىدا: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل مىللەتلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەت قىلىدىغان ئۆيى بولسۇن»،— دېگەن.—ماركۇس 11:17.
بۈگۈنكى كۈندە خۇدانىڭ خىزمەتچىلىرى يىغىلىپ، بىرلىكتە دۇئا قىلسا، ئۇلارنىڭ دۇئاسى ئاڭلىنىشى مۇمكىن. ئەگەر ئورتاق كۆز قاراشتىكى كىشىلەر جەم بولۇپ، مۇقەددەس كىتابتىكى ھەقىقەتلەرگە ماس دۇئا قىلسا، بۇنداق دۇئالار خۇدانىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىدۇ. بۇ دۇئالار ھەتتا خۇدانى قىلماقچى بولمىغان ئىشىنى قىلىشقا ئۈندىشى مۇمكىن (ئىبرانىيلار 13:18، 19). ئادەتتە يەھۋا گۇۋاھچىلىرى ئۆز جامائەت يىغىلىشلىرىدا دائىم دۇئا قىلىدۇ. چىن قەلبىمىزدىن، سىزنى ئۆزىڭىز ياشاۋاتقان جايغا يېقىن يەردە ئۆتكۈزۈلىدىغان ئىبادەت يىغىلىشلىرىمىزغا كېلىپ، شۇنداق دۇئالارنى ئاڭلاپ بېقىشقا تەكلىپ قىلىمىز!
ئەمما، مۇقەددەس كىتابتا چوقۇم مەلۇم بىر جايدا ۋە ئېنىق بىر ۋاقىتتا دۇئا قىلىش كېرەكلىكى يېزىلمىغان. ئەكسىنچە، بۇ كىتابتا خۇدا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئوخشىمايدىغان جايدا ۋە ۋاقىتتا دۇئا قىلغانلىقى يېزىلغان. ئەيسا ئەلەيھىسسالام: «دۇئا قىلساڭ، ئۆز خاناڭگە كىرىپ، ئىشىكنى يېپىپ، يوشۇرۇن تۇرغان ئاسماندىكى ئاتاڭغا دۇئا قىلغىن. يوشۇرۇن ئىشلارنى كۆرۈپ تۇرىدىغان ئاتاڭ سېنى مۇكاپاتلايدۇ»،— دېگەن.—مەتتا 6:6.
ھەرقانداق جايدا ھەرقانداق ۋاقىتتا دۇئا قىلساق بولىدۇ
بۇ تەكلىپ، بىز ئۈچۈن نەقەدەر زور شان-شەرەپ،— ھە! ئەمەلىيەتتە، سىز ھەرقانداق جايدا ۋە ۋاقىتتا ئالەمنىڭ ئېگىسىگە شەخسەن دۇئا قىلالايسىز. ئۇنىڭ دۇئايىڭىزغا قۇلاق سالىدىغانلىقىغا ئىشەنچىڭىز كامىل بولسۇن. دېمەك، ئەيسا پەيغەمبەرنىڭ دۇئا قىلىش ئۈچۈن دائىم يالغۇز قېلىشقا پۇرسەت ئىزدىگەنلىكى ھەيران قالارلىق ئەمەس! ئەيسا ئەلەيھىسسالام بىر كۈنى مۇھىم قارار چىقىرىشتىن ئاۋۋال، ھەتتا پۈتۈن بىر كېچە دۇئادا بولغان.—لۇقا 6:12، 13.
مۇقەددەس كىتابتا، باشقا سادىق ئەرلەر ۋە ئاياللار ھاياتىدا مۇھىم قارار چىقىرىش ئالدىدا ياكى قىيىنچىلىقلارغا دۇچ كەلگەندە، يول-يورۇق ئىزدەپ دۇئا قىلغانلىقى يېزىلغان. بەزىدە ئۇلار ئۈنلۈك ياكى ئۈنسىز، يالغۇز ياكى باشقىلار بىلەن بىرلىكتە دۇئا قىلغان. قانداقلا بولمىسۇن، ئەڭ مۇھىمى، ئۇلار دۇئا قىلغان. ياراتقۇچىمىز يەھۋا ھەتتا ئۆز خىزمەتچىلىرىنى ھەمىشە دۇئا قىلىشقا چاقىرىدۇ (1-سالونىكالىقلار 5:17). شەك-شۈبھىسىزكى، خۇدا ئۆز ئىرادىسىنى ئورۇنلايدىغانلارنىڭ دۇئالىرىغا قۇلاق سېلىشقا ھەرقاچان تەييار. بۇ مېھىر-مۇھەببەت تولغان كىشىگە تەسەللى بېرىدىغان ئاجايىپ تەكلىپ ئەمەسمۇ-ھە!
ئەلۋەتتە، بۈگۈنكى كۈندە شەخسىيەتچىلىككە تولغان بۇ دۇنيادا ياشاۋاتقان نۇرغۇن ئادەملەر دۇئا قىلىشنىڭ پايدىسىنى كۆرمەيدۇ. بەلكىم، سىز: «دۇئا قىلىشنىڭ مەن ئۈچۈن پايدىسى بارمۇ؟»— دەپ سوراپ باققانسىز. كېيىنكى ماقالىدە، بۇ سوئال ھەققىدە مۇھاكىمە قىلىمىز.