رەسىملەرنىڭ ياردىمى بىلەن تەلىم بېرىدىغان كۆپ تىللىق كىتابچە
ئودۋال ئىسىملىك بىر ئايال موڭغۇلىيىدە ياشايدۇ. ئۇ قانچە ياشقا كىرگەنلىكىنى ئېنىق بىلمەيدۇ، ئەمما ئۇ 1921-يىلى تۇغۇلدۇم دەپ ئويلايدۇ. كىچىك ۋاقتىدا ئۇ ئاتا-ئانىسىغا ياردەملىشىپ مال باققانلىقتىن، مەكتەپتە پەقەت بىر يىل ئوقۇغان. ئۇ ئوقۇشنى بىلمەيدۇ. لېكىن، يېقىندا نەشىر قىلىنغان رەڭلىك رەسىملىرى بار كىتابچە بۇ ئايالغا خۇدا ھەققىدە ھەم ئۇنىڭغا ئىتائەتچان بولغانلارنى قانداق كېلەچەك كۈتىدىغانلىقى ھەققىدە بىلىشكە ياردەم بەردى. بۇ بىلىم ئۇنىڭ يۈرىكىگە تەسىر قىلدى.
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى 2011-يىلى نەشىر قىلغان بۇ كىتابچىنىڭ ئىككى نۇسخىسى بار. ھەر ئىككىسىدە چىرايلىق رەسىملەر بار، لېكىن بىرىدە يېزىق بەكمۇ ئاز.
«خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ مەڭگۈ ياشاڭ!» ناملىق يېزىقى كۆپرەك نۇسخا پات ئارىدا 583 تىلدا، «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» دېگەن ئىككىنچى نۇسخا بولسا 483 تىلدا نەشىر قىلىنىدۇ. بۇنى 2013-يىل ئۆكتەبىر ئېيىدا 413 تىلغا تەرجىمە قىلىنغان ئىنسان ھوقۇقلىرى خىتابنامىسى بىلەن سېلىشتۇرۇپ كۆرۈڭ. بۇنىڭدىن تاشقىرى، مەزكۇر كىتابچىنىڭ ئىككى خىل نۇسخىسىنىڭ تارقىتىلىشى تەخمىنەن 80 مىليونغا يەتتى.
برازىلىيىلىك ياشانغان ئايال «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» كىتابچىسىنى قولىغا ئالغاندا خۇشاللىق بىلەن مۇنداق دېگەن: «ماڭا ئوخشاش ئىنسانلارغا غەمخورلۇق قىلىۋاتقان ئادەملەرنىڭ بار ئىكەنلىكىنى بىلىش مېنى خۇرسەن قىلىدۇ. ساۋاتسىز بولغانلىقىمدىن، بۇرۇن سىلەرنىڭ ژۇرناللىرىڭلارنى ئالمايتتىم. لېكىن بۇ كىتابچىنى ئالغۇم كېلىدۇ».
فرانسىيىدە ياشاۋاتقان ساۋاتى يوق برىگيتتى ئىسىملىك ئايال بولسا: «كىتابچىدىكى رەسىملەرگە ھەر كۈنى قارايمەن»، — دەيدۇ.
جەنۇبىي ئافرىقىدىن بولغان يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ بىرى مۇنداق دەپ يازغان: «خەنزۇ تىلىدا سۆزلەيدىغانلارغا ھەقىقەتنى يەتكۈزۈش ئۈچۈن بۇ كىتابچىدىن ياخشىسىنى تاپالمىدىم. مەن ھەر تۈرلۈك ئادەملەر بىلەن — ئۇنىۋېرسىتېت پۈتتۈرگەنلەر، دانىشمەن كىشىلەر ھەم ساۋاتى يوق ئاران-ئاران ئوقۇيدىغانلار بىلەنمۇ — ھېچ قىينالماي سۆھبەتلىشەتتىم. «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىپ مەڭگۈ ياشاڭ!» ناملىق كىتابچىنىڭ ياردىمى بىلەن قىسقا ۋاقىتنىڭ ئىچىدە مۇقەددەس كىتابنىڭ ئاساسىي تەلىملىرىنى چۈشەندۈرەلەيتتىم. بۇنىڭغا يېرىم سائەت ۋاقتىم كېتەتتى، خالاس».
يەھۋا گۇۋاھچىلىرى بولغان گېرمانىيىلىك ئىككى ئايال، ئوقۇمۇشلۇق بىر جۈپ ئەر-ئايال بىلەن تەتقىق ئۆتكۈزەتتى. ئەر كىشىگە بۇ كىتابچە ئىنتايىن يېقىپ، ئۇ مۇنداق دېگەن: «ماڭا بۇ كىتابچىنى نېمىشقا بۇرۇنراق بەرمىدىڭلار؟ ئۇنىڭ ياردىمى بىلەن مۇقەددەس كىتابتا يېزىلغانلارنى تېز چۈشىنىمەن».
قۇلىقى ئاڭلىمايدىغان ئاۋسترالىيىلىك بىر ئايال مۇنداق دەيدۇ: «مەن كۆپ يىللار موناستىردا راھىبە بولۇپ خىزمەت قىلدىم. ھېچكىم چىركاۋو رەھبەرلىرى بىلەن مېنىڭدەك يېقىن ئالاقىدە بولمىغان. لېكىن، ئۇلارنىڭ ھېچبىرى ماڭا خۇدا پادىشاھلىقىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى چۈشەندۈرمىگەن. بۇ كىتابچىدىكى رەسىملەرگە قاراپ، مەتتا 6:10-دىكى سۆزلەرنىڭ ھەقىقىي مەنىسىنى چۈشەندىم».
يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنىڭ كانادادىكى بەيتەلدىن كەلگەن خەتتە مۇنداق يېزىلغان: «كانادادىكى سېررا-لېئونلۇقلار ياشايدىغان رايوندىكى كۆپلىگەن كىشىلەر، كرىئو تىلىدا نەشىر قىلىنغان «خۇدانىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭ» كىتابچىسىنى كۆرگەندە، تىرىشچانلىق بىلەن خۇش خەۋەرنى يەتكۈزۈۋاتقان يەھۋا گۇۋاھچىلىرىنى ماختىغان. بەزىلىرى: «كۆپ ساندىكى كىشىلەر ئۇنداق ئەمەس، بىراق سىلەر ئادەملەرگە غەمخورلۇق كۆرسىتىسىلەر»، دەيدۇ».